
بۇ قېتىم باش رول ئالىدىغىنى يەنىلا ما توڭسوك بولۇپ، ئۇ رېژىسسور ئى ساڭيوڭ (李相龙) بىلەن يەنە بىر قېتىم ھەمكارلىشىدۇ، ئى جۈنخيوك (李浚赫) ئۈچىنچى بۆلۈمدە چوڭ سەلبىي پېرسوناژنىڭ رولىنى ئالىدۇ، ئى بومسۇ (李凡秀)، كىم مىنجې (金敏宰)، چون سوككو (全锡浩)، كو كيوكى (高圭弼) قاتارلىقلارمۇ يېڭى بۆلۈمگە قاتنىشىدۇ.

تورداشلار ئى جۈنخيوكنىڭ ئورۇق، ئاجىز تۇرقىغا قاراپ: «ھەتتا بىرىنجى بۆلۈمدىكى سەلبىي پىرسوناژ جاڭ چيەندەنمۇ ما توڭسوكنىڭ ئىككى مۇشتىنى كۆتۈرەلمىگەن تۇرسا، ئى جۈنخيوك راستتىنلا بەرداشلىق بېرەلەرمۇ؟» دەپ ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ قالدى. «جىنايەتكە پاتقان شەھەر 3»نىڭ ئاساسىي لىنىيە ۋەقەلىكى كەڭ دائىرىلىك ئاختۇرۇش ئەترىتىگە يۆتكىلىپ كەلگەن جىنايى ئىشلار ساقچىسى ۋە يېڭى ئەترەتنىڭ جىنايەت تازىلاش جېڭىنى قانات يايدۇرۇش ھېكايىسىنى چۆرىدەپ راۋاجلىنىدۇ.

«جىنايەتكە پاتقان شەھەر» 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى قويۇلغان بولۇپ، بۇ كىنونى كۆرگەن كۆرۈرمەنلەر جەمئىي ئالتە مىليون 810مىڭغا، ئومۇمىي بېلەت كىرىمى 55مىليارد 780مىليون ۋون (تەخمىنەن 290مىليون يۈئەن)غا يەتكەن، شۇنداقلا 2017-يىلى ۋە 2018-يىلى كۆپلىگەن مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. «جىنايەتكە پاتقان شەھەر 2» بۇ يىل 5-ئاينىڭ 18-كۈنى قويۇلۇپ، دەرھال ھەر قايسى چوڭ تاراتقۇلارنىڭ ئىزدەش قىززىق نۇقتىسىغا چىقىپ، بىر مەھەل قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. بۇ كىنونى كۆرگەن كۆرۈرمەنلەر سانى 12مىليون 670مىڭغا يېتىپ، جەمئىي 131مىليارد 100مىليون ۋون (تەخمىنەن 681مىليون 200مىڭ يۈئەن) بېلەت كىرىمى ياراتتى، ئەگەر بۇ يىل باشقا «قارا تۇلپار» دەرىجىلىك كىنولار چىقمىسا، بۇ كىنو 2022-يىللىق كورېيە بېلەت كىرىمى چېمپىيونىغا ئايلىنىدۇ. نۆۋەتتە يەر شارى بېلەت كىرىمىمۇ 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، يەر شارى بېلەت كىرىم تىزىملىكىدە 21-ئورۇندا تۇردى.
قىزىل بولاق ئىلىش
197تور جەۋھەرلىرى2022-12-15
ئالاقلىشىش ئۈندىدار
21تور جەۋھەرلىرى2022-12-15
كاجولنىڭ كىنوچىلىق ھاياتىدىكى باھا نومۇرى ئەڭ يۇقىرى 10 كىنوسى
9چولپانلار ئۇچۇرى2022-08-18
گىگانت چولپان كاجول 48 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتىۋالدى
6چولپانلار ئۇچۇرى2022-08-09
كىلاسسىك بوللىۋود كىنوسى «مىدال ئاسقان ئۈچ ئەزىمەت» قايتا ئىشلىنىدۇ
7كىنو-فىلىم ئۇچۇرى2022-08-09
ئەرلەر 40 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن، جىنسىي ئەزاسىدىن قانداق مەسىلىلەر كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ؟
5ساغلاملىق ئۇچۇرلىرى2022-08-09ياخشىمۇ سىز!زوقلان كىنوخانمىزنى زىيارەت قىلىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز،مەزكۇر تور بېكەتتىكى پۈتۈن كىنولار سۈزۈك، ئەگەر قويۇلمىسا مەنبەنى ئالماشتۇرۇڭ ياكى باشقۇرغۇچى بىلەن ئالاقلىشىڭ، كىنوخانمىزنىڭ يانفۇن ئەپ دىتالى ۋە تېلىۋزۇر نۇسخىسنى چۈشۇپ كۆرسىڭىز تىخىمو قولايلىق
يانفۇن ۋە تېلۋىزۇر نۇسخىسنى چۈشۇرۇپ كۆرۇڭ