
ھەممىمىزگە مەلۇم، بوللىۋودنىڭ گىگانىت چولپىنى ـــ داڭلىق «ئۈچ خان»نىڭ بىرى سالمان خان بۇ ساھەدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن، ئەڭ داڭلىق ۋە كىرىمى ئەڭ يۇقىرى ئارتىسلارنىڭ بىرى. ئۇ تۇنجى قېتىم 1989-يىلى ساھەگە كىرگەندىن بۇيان، نۇرغۇن بازارلىق نادىر كىنولاردا باش رول ئالغان. نۆۋەتتە سالمان خان 2023-يىللىق بىر تۈركۈم يېڭى تۈرلەرنى پىلانلىغان بولۇپ، قارىماققا ئۇ خېلى نادىر تۈرلەرگە تەييارلىق قىلىۋاتقاندەك قىلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، سالمان خان پات ئارىدا 1989-يىلدىكى بوللىۋودنىڭ كىلاسسىك نادىر ھەرىكەتلىك كىنوسى «مىدال ئاسقان ئۈچ ئەزىمەت» (Tridev)نىڭ قايتا ئىشلىنىشىدە باش رول ئالىدىغان بولۇپ، يېقىنقى ئەڭ يېڭى ئىشەنچىلىك خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، «مىدال ئاسقان ئۈچ ئەزىمەت» ناملىق قايتا ئىشلىنىدىغان يېڭى كىنودا، سالمان خاندىن باشقا يەنە ئىككى داڭلىق ئارتىس باش رول ئالىدىكەن.

بۇ يېڭى كىنونىڭ تەرەققىياتىغا يېقىن مەنبەلەرنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سالمان خان «مىدال ئاسقان ئۈچ ئەزىمەت»نى قايتا سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن بۇ كىنونىڭ ئەسلى رېژىسسورى راجىۋ راي (Rajiv Rai) بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقان بولۇپ، ئىگىلىنىشچە، سالمان خان ئۆزىنىڭ پىلانىنى بۇ كىنونىڭ ئەسلى رېژىسسورى راجىۋ راي (Rajiv Rai)غا ئېيتقان، راجىۋ راي سالمان خاننىڭ پىلانىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىنتايىن خۇشال بولغان. سالمان خان بۇ كىنونى قايتا سۈرەتكە ئېلىپ يېڭىچە قىياپەتتە ئىشلەش ئۈچۈن، ئارتىسلار قوشۇنى ۋە رېژىسسورنى پۈتۈنلەي يېڭىدىن قىلماقچى بولغان، شۇڭا ئۇ ھازىر بۇ كىنوغا يېڭى رېژىسسور ئىزدەۋاتىدۇ، ئۇنىڭ بۇنداق قىلغىنى بۇ يېڭى كىنودا روشەن زامانىۋى تۇيغۇ پەيدا قىلىش.

1989-يىلى ئىشلەنگەن «مىدال ئاسقان ئۈچ ئەزىمەت» ناملىق ھەرىكەتلىك كىنودا، بوللىۋودنىڭ داڭلىق چولپانلىرىدىن: نەسېرۇددىن شاھ، ساننىي دېئول، جەكى شىروف، ئوم پۇرى، ئانۇپام كېر، مادۇرى دىكشىت، سونام، سانگېتا بىجلانى، دالىپ تاھىل ۋە شارات ساكسېنا قاتارلىق كۆپ ئارتىس ھەمكارلىشىپ رول ئالغان، بۇ كىنونىڭ ئارتىسلار قوشۇنىمۇ ئىنتايىن قالتىس بولۇپ، بوللىۋودتىكى ئەڭ كىلاسسىك كىنولارنىڭ بىرى.

خىزمەت سېپىدە، سالمان خان كېيىنكى قېتىم كېلەر يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى قويۇلىدىغان «يولۋاس ھەرىكىتى 3» (Tiger 3) ناملىق ۋە بۇ يىل 12-ئاينىڭ 30-كۈنى قويۇلىدىغان «بۇرادەر» (Bhaijaan) ناملىق كىنولاردا كۆرۈلىدۇ.
سىزنىڭچە يېڭى سۈرەتكە ئېلىنىدىغان «مىدال ئاسقان ئۈچ ئەزىمەت» ناملىق كىنو، ئەسلى نۇسخىسىدەك كىلاسسىك چىقارمۇ؟
قىزىل بولاق ئىلىش
197تور جەۋھەرلىرى2022-12-15
ئالاقلىشىش ئۈندىدار
21تور جەۋھەرلىرى2022-12-15
كاجولنىڭ كىنوچىلىق ھاياتىدىكى باھا نومۇرى ئەڭ يۇقىرى 10 كىنوسى
9چولپانلار ئۇچۇرى2022-08-18
گىگانت چولپان كاجول 48 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتىۋالدى
6چولپانلار ئۇچۇرى2022-08-09
كىلاسسىك بوللىۋود كىنوسى «مىدال ئاسقان ئۈچ ئەزىمەت» قايتا ئىشلىنىدۇ
7كىنو-فىلىم ئۇچۇرى2022-08-09
ئەرلەر 40 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن، جىنسىي ئەزاسىدىن قانداق مەسىلىلەر كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ؟
5ساغلاملىق ئۇچۇرلىرى2022-08-09ياخشىمۇ سىز!زوقلان كىنوخانمىزنى زىيارەت قىلىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز،مەزكۇر تور بېكەتتىكى پۈتۈن كىنولار سۈزۈك، ئەگەر قويۇلمىسا مەنبەنى ئالماشتۇرۇڭ ياكى باشقۇرغۇچى بىلەن ئالاقلىشىڭ، كىنوخانمىزنىڭ يانفۇن ئەپ دىتالى ۋە تېلىۋزۇر نۇسخىسنى چۈشۇپ كۆرسىڭىز تىخىمو قولايلىق
يانفۇن ۋە تېلۋىزۇر نۇسخىسنى چۈشۇرۇپ كۆرۇڭ