
بۈگۈن (5-ئاۋغۇست) بوللىۋودنىڭ گىگانىت ئايال چولپىنى كاجول (Kajol)نىڭ 48 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى.
كاجولنىڭ تولۇق ئىسمى كاجول مۇكەرجى (Kajol Mukherjee) ئۇ، 1974-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى ھىندىستان بومبايدا كىنوچىلىق جەمەتىدە تۇغۇلغان، بوللىۋودنىڭ داڭلىق ئايال ئارتىسى. ئۇ بوللىۋودتىكى ئەڭ داڭلىق ۋە كىرىمى ئەڭ يۇقىرى ئايال ئارتىسلارنىڭ بىرى. ئۇ بوللىۋودنىڭ داڭلىق ئەر ئارتىسى ئاجەي دېۋگاننىڭ ئايالى، بۇ بىر جۈپلەرنىڭ ئىككى بالىسى بار. كاجول بوللىۋودنىڭ داڭلىق پىشقەدەم رېژىسسورى شومۇ مۇكەرجى (Shomu Mukherjee) بىلەن داڭلىق پىشقەدەم ئايال ئارتىس تانۇجا (Tanuja)نىڭ قىزى.

كاجول تاراتقۇلاردا ھىندى تىلى كىنوچىلىقىدىكى ئەڭ ئۇتۇق قازانغان ئارتىسلارنىڭ بىرى دەپ تەسۋىرلەنگەن، ئۇ كەسپىي ھاياتىدا بەش قېتىم فىلىمفەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھەمدە 2011-يىلى بوللىۋود كىنوچىلىقىغا قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن «پادما شرى» ئوردىنىغا ئېرىشكەن. كاجول بەش فىلىمفەر مۇكاپاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن مۇكاپات ۋە شان-شەرەپلەرگە ئېرىشكەن، كاجولنىڭ ھاممىسى نۇتان (Nutan) بوللىۋودنىڭ داڭلىق پېشقەدەم ئايال ئارتىسى، نۇتان بىلەن كاجول بەش قېتىم فىلىمفەر مۇكاپاتىدا ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ھازىر نۇتان بىلەن كاجول بۇ رېكورتنى ساقلاپ كەلمەكتە.

كىنوچىلىق جەھەتتە ئۇنىڭ شاھرۇھ خان (Shahrukh Khan) بىلەن بىللە ياراتقان ئوبرازلىرى ئەڭ ئالقىشلانغان، كىنو ساھەسىدىكى پېشقەدەم زاتلار ۋە كىنو مەستانىلىرى شاھرۇھ خان بىلەن كاجولنى «بوللىۋودتىكى ئەڭ قاملاشقان ئېكران بىر جۈپلىرى» دەپ ئاتىشىدۇ.
قىزىل بولاق ئىلىش
197تور جەۋھەرلىرى2022-12-15
ئالاقلىشىش ئۈندىدار
21تور جەۋھەرلىرى2022-12-15
كاجولنىڭ كىنوچىلىق ھاياتىدىكى باھا نومۇرى ئەڭ يۇقىرى 10 كىنوسى
9چولپانلار ئۇچۇرى2022-08-18
گىگانت چولپان كاجول 48 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتىۋالدى
6چولپانلار ئۇچۇرى2022-08-09
كىلاسسىك بوللىۋود كىنوسى «مىدال ئاسقان ئۈچ ئەزىمەت» قايتا ئىشلىنىدۇ
7كىنو-فىلىم ئۇچۇرى2022-08-09
ئەرلەر 40 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن، جىنسىي ئەزاسىدىن قانداق مەسىلىلەر كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ؟
5ساغلاملىق ئۇچۇرلىرى2022-08-09ياخشىمۇ سىز!زوقلان كىنوخانمىزنى زىيارەت قىلىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز،مەزكۇر تور بېكەتتىكى پۈتۈن كىنولار سۈزۈك، ئەگەر قويۇلمىسا مەنبەنى ئالماشتۇرۇڭ ياكى باشقۇرغۇچى بىلەن ئالاقلىشىڭ، كىنوخانمىزنىڭ يانفۇن ئەپ دىتالى ۋە تېلىۋزۇر نۇسخىسنى چۈشۇپ كۆرسىڭىز تىخىمو قولايلىق
يانفۇن ۋە تېلۋىزۇر نۇسخىسنى چۈشۇرۇپ كۆرۇڭ