زوقلان كىنو-فىلىم تورى زوقلان كىنو-فىلىم تورى
مېھمان

كاجولنىڭ كىنوچىلىق ھاياتىدىكى باھا نومۇرى ئەڭ يۇقىرى 10 كىنوسى

مەنبەسى: توردىن كەلگەن   يوللانغان ۋاقتى: 2022-08-18   كۆرلۇش قىتېم سانى:9

ﻛﺎﺟﻮﻝ (Kajol)، ئۇ 1974-ﻳﯩﻠﻰ 8-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 5-ﻛﯜﻧﻰ ﮪﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ﻣﺎﺧﺎﺭﺍﺷﺘﺮﺍ ﺋﯩﺸﺘﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻣﺒﺎﻱ ﺷﻪﮪﯩﺮﯨﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ، ﺑﻮﻟﻠﯩﯟﻭﺩ ﻛﯩﻨﻮ ﺋﺎﺭﺗﯩﺴﻰ. ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﻛﺎﺟﻮﻝ ﻣﯘﻛﻪﺭﺟﻰ (Kajol Mukherji)، ﻛﺎﺟﻮﻝ ﺑﻮﻟﻠﯩﯟﻭﺩﺗﯩﻜﻰ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻛﯩﻨﻮ ﺟﻪﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ بولغان ﻣﯘﻛﻪﺭﺟﻰ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﺪﯨﻦ، ﻛﺎﺟﻮﻟﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺷﻮﻣﯘ ﻣﯘﻛﻪﺭﺟﻰ ﺑﻮﻟﻠﯩﯟﻭﺩﺗﯩﻜﻰ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺭﯦﮋﯨﺴﺴﻮﺭ ﯞﻩ ﻓﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﯜﭼﻰ، ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ ﺗﺎﻧﯘﺟﺎ ﺳﺎﻣﺎﺭﺕ ﻛﯩﻨﻮ ﺋﺎﺭﺗﯩﺴﻰ، ﻛﺎﺟﻮﻟﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺑﯧﻨﮕﺎﻟﻠﯩﻖ، ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ ﮪﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ﻣﺎﺧﺎﺭﺍﺷﺘﺮﺍ ﺋﯩﺸﺘﺎﺗﯩﺪﯨﻦ.

ﻛﺎﺟﻮﻝ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ، ﻛﺎﺟﻮﻟﻨﻰ ﻣﻮﻣﯩﺴﻰ ﺑﯧﻘﯩﭗ ﭼﻮﯓ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﻛﺎﺟﻮﻝ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭙﻼ ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ ﯞﻩ ﺭﻭﻝ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﯩﺸﺘﯩﻴﺎﻕ ﺑﺎﻏﻠﯩﻐﺎﻥ، 16 ﻳﺎﺵ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯨﻼ ﺭﻭﻝ ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ، ﮪﻪﺗﺘﺎ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﯧﭽﯩﭗ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺭﻭﻝ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ، ﻛﺎﺟﻮﻝ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯨﻼ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ.

ﻛﺎﺟﻮﻟﻨﯩﯔ ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﻰ ﺗﺎﻧﯩﺸﺎ ﻣﯘﻛﻪﺭﺟﻰ ﺋﯘﻣﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺋﺎﺭﺗﯩﺴﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﻛﺎﺟﻮﻝ ﺭﺍﻧﻰ ﻣﯘﻛﻪﺭﺟﻰ، ﺷﺎﺭﺑﺎﻧﻰ ﻣﯘﻛﻪﺭﺟﻰ، ﻣﻮﮪﻨﯩﺶ ﺑﯧﮭﻞ ﯞﻩ ﺋﺎﻳﺎﻥ ﻣﯘﻛﻪﺭﺟﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﻪﯞﺭﻩ ﺗﯘﻏﻘﺎﻥ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.

ﻛﺎﺟﻮﻟﻨﯩﯔ ﮪﺎﻣﻤﯩﺴﻰ ﻧﯘﺗﺎﻥ ﺑﯧﮭﻞ (Nutan Behl) ﺑﻮﻟﻠﯩﯟﻭﺩﻧﯩﯔ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﭘﯧﺸﻘﻪﺩﻩﻡ ﺋﺎﺭﺗﯩﺴﻰ، ﻧﯘﺗﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﺎﺟﻮﻝ ﺑﻪﺵ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻓﯩﻠﯩﻤﻔﻪﺭ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﺪﺍ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﺋﺎﻳﺎﻝ باش رولچى ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ، ﮪﺎﺯﯨﺮ ﻧﯘﺗﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﺎﺟﻮﻝ ﺑﯘ ﺭﯦﻜﻮﺭﺗﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ.

1999-ﻳﯩﻠﻰ 2-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 24-ﻛﯜﻧﻰ ﻛﺎﺟﻮﻝ ﺑﻮﻟﻠﯩﯟﻭﺩﺗﯩﻜﻰ داڭلىق ﺋﺎﺭﺗﯩﺲ ﺋﺎﺟﻪﻱ ﺩﯦﯟﮔﺎﻥ (Ajay Devgan) ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺋﺎﺟﻪﻱ ﯞﻩ ﻛﺎﺟﻮﻟﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺑﺎﺭ، ﻗﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﻧﯩﺴﺎ، ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﻳﯘﮒ.

كىنوچىلىق جەھەتتە ئۇنىڭ شاھرۇھ خان (Shahrukh Khan) بىلەن بىللە ياراتقان ئوبرازلىرى ئەڭ ئالقىشلانغان، ﻛﯩﻨﻮ ﺳﺎﮪﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯧﺸﻘﻪﺩەم ﺯﺍﺗﻼﺭ ﯞﻩ ﻛﯩﻨﻮ ﻣﻪﺳﺘﺎﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﺷﺎﮪﺮﯗﮪ ﺧﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﺎﺟﻮﻟﻨﻰ «ﺑﻮﻟﻠﯩﯟﻭﺩﺗﯩﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻗﺎﻣﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﯧﻜﺮﺍﻥ ﺑﯩﺮ ﺟﯜﭘﻠﯩﺮﻯ» ﺩەپ ئاتىشىدۇ.

ۋىدېيودا: مەڭگۈلۈك ئېكران ھەمراھلىرى شاھرۇھ خان بىلەن كاجولنىڭ 1993-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە بولغان 23 يىل جەريانىدىكى بارلىق باش رول ئېلىپ ھەمكارلاشقان كىنولىرىنىڭ ئەڭ نادىر كۆرۈنۈشلىرىدىن قىستۇرما.

تۆۋەندە كاجولنىڭ كىنوچىلىق ھاياتىدىكى باھا نومۇرى ئەڭ يۇقىرى 10 كىنوسىنى كۆرۈپ چىقايلى:


THE END
0
بىكەت ئۇقتۇرشى

ياخشىمۇ سىز!زوقلان كىنوخانمىزنى زىيارەت قىلىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز،مەزكۇر تور بېكەتتىكى پۈتۈن كىنولار سۈزۈك، ئەگەر قويۇلمىسا مەنبەنى ئالماشتۇرۇڭ ياكى باشقۇرغۇچى بىلەن ئالاقلىشىڭ، كىنوخانمىزنىڭ يانفۇن ئەپ دىتالى ۋە تېلىۋزۇر نۇسخىسنى چۈشۇپ كۆرسىڭىز تىخىمو قولايلىق

يانفۇن ۋە تېلۋىزۇر نۇسخىسنى چۈشۇرۇپ كۆرۇڭ

《يانفۇن نۇسخىسى》 《TV نۇسخىسى》《ئالاقلىشىڭ》

فىلىم خەۋەرچولپانتاۋار
ئىزدەش تارىخى
ئۆچۇرۇش
كۆپ ئىزدەلگەنلىرى
يەرلىك خاتىرە بۇلۇت خاتىرىسى
ئەزا نامى